ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سالىجان ئابدۇراخمانوفقا زەھەرلىك چېكىملىك سودىسى جىنايىتى ئارتىلغان بولسىمۇ، بىراق ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى تاشكەنت دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ھۆكۈمەتنى قاراقالپاقىستاندىكى ۋەزىيەت مەسىلىلىرى بويىچە تەنقىد قىلغانلىقى ئۈچۈن قاماققا ئالغانلىقىنى يېزىشتى.
سالىجان ئابدۇراخامانوف ئامېرىكا ئاۋازى ۋە ئازادلىق رادىئوسى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلاشقان جۇرنالىست بولۇپ، دائىم ئۇلارغا ئۇچۇرلارنى بېرىپ تۇرغان ھەمدە يېقىنقى ۋاقىتلاردا Uznews.net ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ قاراقالپاقىستاندىكى مۇخبىرى بولغان.
قاراقالپاغىستاننىڭ پايتەختى نۇكۇس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ سوتتا ئۇنىڭغا زەھەرلىك چېكىملىك سودىسى قىلدى، دېگەن جىنايەت ئارتىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئابدۇراخمانوف ۋە باشقىلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىغان. سالىجان ئابدۇراخمانوف بۇنىڭدىن تۆت ئاي ئىلگىرى قولغا ئېلىنغان بولۇپ، نيۇيوركتىكى ئىنسان ھوقۇقىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىمۇ مۇستەقىل جۇرنالىست سالىجان ئابدۇراخمانوفنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنى ئەيىبلىگەن ئىكەن.
ئارال كۆلى بويىغا جايلاشقان قاراقالپاقىستان ھازىر ئېغىر ئىقتىسادىي ۋە ئېكولوگىيىلىك قىيىنچىلىقتىكى رايون بولۇپ، ئارال كۆلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى بىلەن بۇ جاينىڭ ئېكولوگىيىسى بۇزۇلۇپ، تۈرلۈك كېسەللىكلەر ئەۋجى ئالغان، ئىشسىزلىق قاپلىغان بولۇپ، قاراقالپاقلار تۈركۈملەپ قازاقىستانغا كۆچۈپ بېرىپ، ماكانلىشىشى ۋە ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان.
قاراقالپاق مىللەتپەرۋەرلىرى تاشكەنتنى ئىنسان ھوقۇقى ۋە باشقا مەسىلىلەر بويىچە تەنقىد قىلغان ئىكەن. قاراقالپاقلار تىل جەھەتتىن قازاقلارغا يېقىن بولۇپ، سوۋېت ھۆكۈمىتى ئەسلىدە قازاقىستانغا تەۋە بولغان بۇ جاينى كېيىن ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىگە قوشۇپ بەرگەن، ئۆزبېكىستان مۇستەقىل بولغاندا، قاراقالپاقىستان ئۆزبېكىستان تەۋەسىدىكى بىر جۇمھۇرىيەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.
