ئۆزبېكىستاندا 339 كىشى ئادەم بېدىكچىلىكى جىنايىتى بىلەن جازاغا تارتىلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008.10.17
2008.10.17
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر دوكلات رۇس تىلىدا چىقىدىغان نارودنايا سلوۋو گېزىتىدە بېسىلغان بولۇپ، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەت تەرەپ ئەيىبلىگۈچىسى رەشىدجان قادىروۋ بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 9 ئېيىدىلا 339 جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئادەم بېدىكچىلىكى جىنايىتى بىلەن جازاغا تارتىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئادەم بېدىكچىلىك قۇربانلىرى رۇسىيە ۋە قازاقىستانغا ئېلىپ بېرىلىپ ئېغىر ئەمگەككە سېلىنغان بولسا، يەنە بىر قىسىم ئۆزبېك قىز - چوكانلار ھىندىستان، ئىسرائىلىيە، تايلاند ۋە تۈركىيە قاتارلىق ئەللەرگە پاھىشە بولۇشقا سېتىۋېتىلگەن ئىكەن.
ئامېرىكىدىكى ئادەم بېدىكچىلىكىگە قارشى تۇرۇش تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا،
2004 - يىلىدىن بۇيان تايلاند كۆچمەنلەر ئىدارىسى 179 ئۆزبېك پۇقراسىنى قولغا ئالغان ۋە 193 نەپەرنى ئۆزبېكىستانغا قايتۇرغان بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى شەھۋانىي سودىغا مەجبۇرلانغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى سودىغا ئارىلىشىپ قالغان ئۆزبېك ئاياللار ئىكەن.









