گېرمانىيە ۋە فرانسىيە، ئۆزبېكىستاننى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىغا يول قويۇشقا چاقىردى

گېرمانىيە ۋە فرانسىيە ھۆكۈمەت خادىملىرى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىگە مەكتۇپ يوللاپ، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئۆزبېكىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشقا چاقىردى.

مەزكۇر مەكتۇپ، 20 - نويابىر فرانسىيە كىشىلىك ھوقۇق مىنىستىرى راما يادﯤ ۋە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گېرنوت ئېلېرلار تەرىپىدىن، ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىلادىمىر نوروۋقا يوللانغان بولۇپ، رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەكتۇپتا ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋەكىلى ئىگور ۋورونتسوۋنىڭ ئۆزبېكىستاندا خىزمەت قىلىشىغا تەستىق بېرىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئۆزبېكىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇش شەرتى ئاستىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستانغا قويۇلغان ئېمبارگونى بىكار قىلىشقا كېلىشكەن.

خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، مەزكۇر مەكتۇپتا ئۆزبېكىستان دائىرىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋەكىلىنىڭ ئۆزبېكىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويمىغانلىقىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكى ھەمدە ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

2005 - يىلى ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى ئەنجاندا نامايىش قىلغان ئاۋام ئۇستىدىن قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقى ئۇچۇن، شۇ يىلى مايدا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 27 دۆلەت بىرلىكتە ئۆزبېكىستانغا قارىتا قورال - ياراق ئېمبارگوسى قويغان ئىدى.