خىتاي سوتى ئىككى نەپەر تىبەتلىكنى «باشقىلارنى ئۆزىنى كۆيدۈرۈشكە كۈشكۈرتۈش» بىلەن جازالىدى
2013.01.31
سىچۈەننىڭ ئابا رايونلۇق سوت مەھكىمىسى پەيشەنبە كۈنىدىكى سوت نەتىجىسىدە، 40 ياشلىق لوراڭ كونكوكنى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسىغا، 31 ياشلىق لوراڭ سېرىڭنى 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەگە قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇش ئارقىلىق بۇنداق ھەرىكەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغان. چۈنكى دائىرىلەر رايوندا قاتتىق تەدبىرلەرنى ئېلىشىغا قارىماي، تىبەتلىكلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈشىنى توسۇپ قالالمىغان ئىدى.
بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار بايانچىسى خۇڭ لېي ۋەقە ھەققىدىكى باياناتىدا ئىككى نەپەر تىبەتلىكنىڭ گۇناھسىز كىشىلەرنى ئۆزىنى كۆيدۈرۈشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ «بىز بۇ سوت نەتىجىسى ئارقىلىق خەلقئارا جامائەتنىڭ دالاي لاما گۇرۇھىدىكىلەرنىڭ جىنايەتلىرىنى ئوچۇق كۆرۈۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.
خىتاي دائىرىلىرى بۇ ھەرىكەتنى دالاي گۇرۇھىدىكىلەرنىڭ كۈشكۈرتۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلدى. ئەمما تىبەتلەر ۋەقەگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.