خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۈگۈن پاكىستان بىخەتەرلىك خادىملىرى قولىنى كىشەنلەپ، بېشىنى يۆگەپ CZ 6008 بەلگىلىك يۇلۇچىلار ئايروپىلانىغا ئېلىپ چىققان 6 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئۈچى ئەر، بىرى ئايال، ئىككىسى كىچىك بالا بولۇپ، پاكىىستان بىخەتەرلىك خادىملىرى بۇنىڭ ئىچىدىكى 61k رەتتىكى ئورۇندۇققا ئولتۈرۇپ بولغان ئابدۇشۈكۈر ئابلىمىت ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنى ئايروپىلاندىن قايتۇرۇپ كەتكەن. بۇ ۋەقەگە ئالاقىدار تەپسىلىي ئۇچۇرلار تېخى مەلۇم ئەمەس.