پانېتتا «پاكىستانغا نىسبەتەن سەبىر قاچىمىز توشۇپ قالدى» دېدى

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى لېئون پانېتتا پەيشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە پاكىستاننىڭ تالىبان قوراللىق پىدائىيلىرىغا قارشى كۈرەشتە ئاكتىپ بولمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ «پاكىستانغا سەۋر قاچىمىز توشۇپ قالدى» دېدى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.06.07

يېقىندىن بۇيان ئافغانىستاندا تالىبان پىدايلىرىنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى قايتىدىن باش كۆتۈرۈۋاتقان بولۇپ، تالىباننىڭ چارشەنبە كۈنىدىكى ھۇجۇمىدا 22 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى پانېتتا ئافغانىستانغا تۇيۇقسىز زىيارەت ئېلىپ بارغان.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ ئافغانىستاندا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، پاكىستان ھۆكۈمىتىنى ناتو قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قوزغاۋاتقان قوراللىق تەشكىلاتلارنى تازىلاش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە، بولۇپمۇ پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىغا ئورۇنلاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان «ھەققانىي» ئىسىملىك قوراللىق تەشكىلاتنى يوقىتىشقا چاقىرغان.

پاكىستان دائىرىلىرى پاكىستاننىڭ تېررورىست گۇرۇپپىلارنى تازىلاشقا تىرىشىپ كەلگەنلىكىنى، بۇ تېررورىست گۇرۇپپىلارنىڭ پاكىستاندىكى ئاۋام خەلق ۋە ئەسكەرلىرىگىمۇ زىيان سېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە. ئەمما ئامېرىكا پاكىستاننىڭ قوراللىق مىلىتارىستلارغا كۆز يۇمۇۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدۇ. بولۇپمۇ، ئەل-قائىدە تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى بىن لادىننىڭ پاكىستاندا يىللاردىن بېرى ساقلىنىپ ياتقانلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئامېرىكىنىڭ گۇمانىنى ئاشۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە قاتتىق تەسىر يەتكۈزگەن ئىدى.

پانېتتا سۆزىدە پاكىستاننى ئاگاھلاندۇرۇپ :«پاكىستان تېررورچىلارغا ياردەم قىلىشنى مۇشۇنداق داۋام قىلىدىغان بولسا، ئافغانىستاننى تىنچلىققا ئېرىشتۈرۈش قىيىنغا توختايدۇ. بىزنىڭ سەۋر قاچىمىز توشۇپ قالدى» دېگەن.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى پانېتتا ئامېرىكىنىڭ يېڭى ھەربىي ئىستراتېگىيىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئاسىيا دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.