پاكىستان بىلەن خىتاي ئاتوم ئېنېرگىيىسى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتمەكتە
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2008.10.19
2008.10.19
يېقىندا پاكىستان پرېزىدېنتى زەردارىنىڭ بېيجىڭ زىيارىتى جەريانىدا جۇڭگو رەھبىرى خۇ جىنتاۋ بىلەن ھاسىل قىلىنغان 12 تۈرلۈك كېلىشىمنىڭ بىرى ئاتوم ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش بولۇپ، خىتاي تەرەپ پاكىستاننىڭ ئىككى ئاتوم ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قۇرەشى بۇ خەۋەرنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، خىتاي پاكىستاننىڭ چەشمە دېگەن ئىككى ئاتوم ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇدىكەن.
پاكىستاننىڭ خىتاي بىلەن بۇ قېتىم يېڭىدىن ئاتوم كېلىشىمى تۈزۈشىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھىندىستان بىلەن يادرو كېلىشىمى تۈزۈشىگە قىلىنغان ئىنكاس ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.









