پاكىستان پرېزىدېنتى خىتاينى زىيارەت قىلماقچى

يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن پاكىستان پرېزىدېنتى ئەسىف ئەلى زەردارى سەيشەنبە كۈنى، ئۆزىنىڭ تۇنجى خىتاي زىيارىتىنى باشلىماقچى بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ نۆۋەتلىك زىيارىتى پاكىستان ‏ - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە جىددىيچىلىك يۈز بېرىۋاتقان پەيتلەردە توغرا كەلدى.

رويتېرستا كۆرسىتىلىشىچە، سىياسىي تەھلىلچى ھەسەن ئەسقەر رىزۋى پاكىستاننىڭ يەنىلا ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقداش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما پاكىستان پرېزىدېنتىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك خىتاي زىيارىتى، پاكىستاننىڭ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى سىناققا دۇچ كەلگەندە ئىسلامئابادنىڭ شەرققە قاراپ يۈزلىنىدىغانلىقىنى نامايان قىلىدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، پاكىستاننىڭ خىتايدىكى ئەلچىسى مەخسۇد خان پرېزىدېنت زەردارىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك خىتاي زىيارىتى، پاكىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.

پاكىستان ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشلىرىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئىتتىپاقدىشى بولۇپ، ئەمما، يېقىندا ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ ئافغانىستان چېگرىسىدىن ئۆتۈپ پاكىستان تەۋەلىكىدىكى دۈشمەن بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ھىندىستانغا يادرو تېخنولوگىيىسىنى سېتىپ بېرىشى ئامېرىكا ‏ - پاكىستان مۇناسىۋەتلىرىگە جىددىيچىلىك ئېلىپ كەلگەن ئىدى.