پاكىستاندا تۇنجى خىتايچە - ئىنگلىزچە تور ژۇرنىلى تەسىس قىلىنغان

پاكىستاندا تۇنجى تەسىس قىلىنغان خىتايچە - ئىنگلىزچە تور ژۇرنىلىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چاۋجىفۇ قاتناشقان. ئېچىلىش مۇراسىمى ئىسلامئاباد خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېلىپ بېرىلغان.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.02.18

مەزكۇر مۇراسىمغا 22 كىشىلىك خىتاي ئۆمىكى قاتناشقان. ئىككى تەرەپ مەزكۇر ژۇرنال ئارقىلىق پاكسىتان - خىتاي خەلقلىرى ئارىسىدىكى ئۆز - ئارا مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۆتكەن يىلى مايدا ئوساما بىن لادىن پاكىستاندىكى تۇرالغۇسىدا ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئامېرىكا - پاكىستان مۇناسىۋەتلىرى يىرىكلەشكەن.

شۇندىن كېيىن پاكىستان خىتاينىڭ قوينىغا يەنە بىر قېتىم ئۆزىنى ئاتقان. ئەينى چاغدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ پاكىستاندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتلىرىگە مەنپىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

دەرۋەقە، پاكىستان ھۆكۈمىتى پاكىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» گە قارىتىلغان نازارەتنى كۈچەيتكەن ۋە ئۇلارنىڭ بەزى پائالىيەتلىرىگە چەك قويغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.