پالاۋ پرېزىدېنتى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن ئەنسىرمەسلىكىنى بىلدۈرگەن

پالاۋنىڭ پرېزىدېنتى جونسون تورىبىئوڭ، پالاۋغا كېلىشنى خالايدىغان گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايدىن خاتىرجەم بولۇشقا چاقىرىپ، پالاۋ ئۇيغۇرلارنى خىتايدىن قوغدايدىغان بىخەتەر جاي بىلەن تەمىنلىيەلمەسلىكى مۇمكىن، دېگەن قاراشنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پرېزىدېنت تورىبىئوڭ بۇ سۆزلەرنى پالاۋغا ئورۇنلاشتۇرۇلسا خىتاينىڭ داۋاملىق تەھدىت سېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن گۈەنتانامودىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن ئېيتقان بولۇپ، تورىبىوڭ ئۇلارنىڭ ھېچنىمىدىن غەم قىلماسلىقىنى تەكىتلىگەن. تورىبىوڭ بۇ سۆزلەرنى ئاۋستىرالىيە رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى باربارا خاگىننىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇ يەنە" ئۇلار خىتاينىڭ بۇ يەردىكى تەسىرىدىن ئەنسىرگەندەك قىلىدۇ. لېكىن بۇ بىر مەسىلە ئەمەس، بۇ ئورۇنسىز ئەنسىرەش" دېگەن.

ئۇ خىتاينىڭ بۇ ئارالغا ئايرۇپىلان ئەۋەتىشىدىن كۆپىرەك، ئۇرۇش كېمىسى ئەۋەتىش ئېھتىمالى بارلىقىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقى، لېكىن خىتاي بۇنداق قىلسا، بۇنىڭغا ئامېرىكىنىڭ بىر نېمە دەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نۆۋەتتە پالاۋ گۈەنتانامودا قېلىپ قالغان 13 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى قوبۇل قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈۋاتىدۇ.

لېكىن 13 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىردىن ئاز دېگەندە 5 كىشى پالاۋغا بېرىشنى خالىمايدىغانلىقىنى، چۈنكى خىتاينىڭ تەھدىتىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.