گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ 6 نەپىرى ئۆتكەن يىلى 11 - ئايدا تىنچ ئوكياندىكى پالاۋ دۆلىتىنىڭ مەركىزى شەھىرى كورورغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. ئەينى چاغدا پالاۋ پرېزىدېنتى جونسون تورىبىئوڭ ئايرودرومغا ئۆزى چىقىپ، 6 ئۇيغۇرنى كۈتۈۋالغان ۋە بۇ ئۇيغۇرلار شەھەر مەركىزىدىكى چوڭ بىر ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.
ئەمما، پالاۋ دۆلىتى تىنچ ئوكياندىكى كىچىك ئارال دۆلىتى بولۇپ، نوپۇسى ئاران 20 مىڭ ئەتراپىدا بولغىنى ئۈچۈن، بۇ ئۇيغۇرلارغا پالاۋغا مەڭگۈلۈك يەرلىشىش پۇرسىتى يوق ئىكەن. شۇڭا بۇ ئۇيغۇرلار بۇ بىر نەچچە ئايدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز ھالدا، ئۆزلىرى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش ئىمكانىيىتى بېرىدىغان ھەم ئۇيغۇر جامائىتى نىسبەتەن كۆپ بولغان بىرەر دۆلەتكە يۆتكىلىشنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەدھەم مەمەت ئىسىملىك بىرەيلەن، يېقىندا ئاۋسترالىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەن بىر ئۇيغۇر ئايال بىلەن نىكاھلانغان ئىكەن. ھازىر ئاۋسترالىيە پالاۋدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق جاي دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، پالاۋ پرېزىدېنتى جونسون تروبىئوڭمۇ بۇ ئۇيغۇرلار ئاۋستىرالىيىگە ئورۇنلاشسا ئۇلار ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن قۇلايلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.