پالاۋدىكى ئۇيغۇرلار ئامېرىكىدىن ئۆزلىرىنىڭ بۇ جايدا يەنە قانچىلىك تۇرىدىغانلىقىنى سورىغان

«ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى» دە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن گۇئەنتانامودىن قويۇپ بېرىلىپ، تىنچ ئوكياندىكى پالاۋ دۆلىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان 6 نەپەر ئۇيغۇر ئۆزلىرىنىڭ بۇ يەردە يەنە قانچىلىك ۋاقىت تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن سورىغان.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.11.04

ئۇلارنىڭ بىرى ياپونىيىنىڭ كيوتو ئاگېنتلىقىغا ئېلخەت ئارقىلىق بەرگەن جاۋابىدا، «بىز بۇ يەردە يەنە قانچىلىك ئۇزۇن ۋاقىتلىق تۇرىدىغانلىقىمىزنى بىلمەكچىمىز، بىراق بۇ ھەقتە ھېچقانداق جاۋاب يوق ھەم ھېچكىممۇ جاۋاب بېرەلمەيدۇ» دەپ يازغان.

مەزكۇر ئۇيغۇر يەنە ئۆزلىرىنىڭ باشقا دۆلەتكە كېتىپ ياشاش ھەققىدىكى تەلىپىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«ياپونىيە ئىقتىسادىي خەۋەرلىرى» نىڭ يېزىشىچە، 3-ئايدا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئېلخەت ئارقىلىق كىيوتو خەۋەرلىرى ئاگېنتلىقىغا، ئامېرىكىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دائىملىق تۇرۇشى ئۈچۈن ئورۇن تېپىشقا تىرىشىۋاتقانلىقى، ئەمما، بۇنىڭ ئۈچۈن ئېنىق ۋاقىت مۆھلىتى بېرىلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

پالاۋدىكى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى باشتىلا ۋاقىتلىق ئىكەنلىكى ئېنىق بولۇپ، ھەتتا پالاۋ پرېزىدېنتى جونسون تورىبوڭمۇ ئۇلارنىڭ بۇ يەردە تۇرۇشىنىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

گۇئەنتانامودىكى 22 ئۇيغۇرنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ئالبانىيە، بېرمۇدا، شۋېتسارىيە، پالاۋ ۋە ئەل-سالۋادور قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئەمما، خىتاينىڭ ئۇلارنى قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپى ئىزچىل بولسىمۇ، بىراق بۇ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىغان بولۇپ، ئامېرىكا تەرەپ خىتاينىڭ ئۇلارنى قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.