ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پانېتتانىڭ ھىندىستان زىيارىتى باشلاندى
2012.06.05
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پانېتتانىڭ ھىندىستان زىيارىتى 2 كۈن داۋام قىلىدۇ. زىيارەت داۋامىدا ۋاشىنگتوننىڭ ئاسىيا-تېنچ ئوكيان رايونىغا يۈزلىنىشتىن ئىبارەت يېڭى ئىستراتېگىيىلىك پىلانى ھىندىستان تەرەپ بىلەن مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
مۇزاكىرە داۋامىدا يەنە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ۋە خىتاينىڭ رايوندىكى ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي تەسىرىنى تىزگىنلەش قاتارلىق تېمىلاردا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ھىندىستان ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ بۇ يىل يانۋاردا ئېلان قىلغان يېڭى ئىستراتېگىيە لايىھىسىدە ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىرى ئارىسىدا بىردىن بىر نامى تىل ئېلىنغان دۆلەتتۇر.
بۈگۈن پانېتتانىڭ زىيارىتى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان ئاقساراينىڭ ئالاقىدار ئەمەلدارلىرى ھىندىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئوخشاش دېموكراتىك ئەنئەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرلىكتە ئىككى تەرەپنىڭ يەنە كۆپلىگەن ئورتاق مەنپەئەتلىرى ۋە ئورتاق ئەندىشىلىرى بارلىقىنى بايان قىلغان.