ماخمۇت ئابباسس ئىسرائىلىيە ئائىلىلىكلەر رايونى قۇرۇشنى توختاتمىسا، تىنچلىق سۆھبىتى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە تايانغاندا، پەلەستىن مىللىي ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ماخمۇت ئابباس شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى مىسىر پرېزىدېنتى مۇبارەك ۋە ئەرەب بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى مۇسا قاتارلىق بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئەگەر ئىسرائىلىيە پەلەستىنلىكلەر كەلگۈسىدە دۆلەت قۇرىمىز دەۋاتقان زېمىندا ئائىلىلىكلەر رايونى قۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن، پەلەستىنلىكلەر بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدا تىنچلىق سۆھبىتى بولمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

2010.11.21

ئىسرائىلىيە بىلە پەلەستىن مىللىي ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى ئامېرىكىنىڭ ياراشتۇرۇشى بىلەن مەيدانغا چىققان تىنچلىق سۆھبىتى ئىسرائىلىيىنىڭ شەرقىي قۇددۇسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەلەستىن تۇپرىقىدا زور ساندىكى ئائىلىلىكلەر رايونى بەرپا قىلىشى ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي ، بۇنى داۋاملاشتۇرۇشى بىلەن توختاپ قالغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.