'ئۇرۇش توختىتىشنىڭ شەرت - شارائىتى پىشىپ يېتىلمىدى'

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئەخۇد ئولمارت خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ غەززەدە 48 سائەتلىك ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىنى رەت قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2008.12.31

ئۇ، ئۇرۇش توختىتىش شەرت - شارائىتىنىڭ تېخى پىشىپ يىتېلمىگەنلىكىنى، لېكىن "جەنۇبىي ئىسرائىلىيىنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولسا " ئۇرۇش توختىتىشنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە، پەلەستىن ئىسلامىي ھەرىكىتى خاماسنىڭ كونتروللىقىدىكى غەززەگە قاراتقان ھاۋا ھۇجۇمىنى چارشەنبە كۈنى يەنە داۋاملاشتۇردى. لېكىن خاماس ئىسرائىلىيىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارغا يەنە راكېتا قويۇپ بەرگەن. خاماس راكېتالىرىنىڭ زەربە بېرىش نىشانى ئۇزارغان بولۇپ، ئىسرائىلىيىنىڭ ئىچكىرى قىسمىدىكى بېرشىبا بازىرىغا قەدەر يېتىپ بارغان.

ئىسرائىلىيە كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى، تىك ئۇچارلىرى بولسا يېقىنقى 5 كۈندىن بېرى خاماس نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلماقتا. بومباردىمان خاماس بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ قارارگاھى، ھۆكۈمەت بىنالىرى، يەر ئاستى ئەتكەسچىلىك تونىلى ۋە خاماس رەھبەرلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە قارىتىلغان.

پەلەستىن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ 391 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. خاماسنىڭ غەززەدىن ئىسرائىلىيە زېمىنىغا قويۇپ بەرگەن راكېتا ھۇجۇمىدا ھازىرغا قەدەر 4 نەپەر ئىسرائىلىيىلىك ئۆلگەن. ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئەخۇد ئولمارت چارشەنبە كۈنى ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن ئۇرۇش توختىتىشقا شەرت - شارائىتنىڭ پىشىپ يىتېلمىگەنلىكىنى جاكارلاپ، " ئەگەر شەرت ‏ - شارائىت پىشىپ يېتىلسە، بىز دىپلوماتىك نەتىجە جەنۇبىي ئىسرائىلىيىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاشقا يارايدۇ دېگەن نۇقتىغا كەلسەك، ئۇرۇش توختىتىشنى ئويلىشىمىز، لېكىن ھازىرقى ئەھۋال بۇ نۇقتىدا ئەمەس " دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا چارشەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى، رۇسىيە ۋە ب د ت نىڭ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىغا قوشۇلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.