كاتېر باشلامچىلىقىدىكى دەم ئېلىشقا چىققان پرېزىدېنتلار ئۆمىكى شىمالى كورىيىنى زىيارەت قىلىدۇ
2011.04.25
ئۇ سۆزىدە، بۇ قېتىمقى زىيارەتتە شىمالى كورىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، شىمالى كورىيىدىكى يېمەك يېتىشمەسلىك مەسىلىسى ۋە يادرو بالايىئاپىتىدىن ساقلىنىش مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، سابىق فىنلاندىيە پرېزىدېنتى مارتتى ئاختىسارى، سابىق نورۋېگىيە باش مىنىستىرى گرو برۇدلەندى، سابىق ئىرېلاندىيە پرېزىدېنتى مارى روبىسسونلارمۇ ئېرتە پېنسىيىگە چىققان سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى جىمى كاتېر بىلەن بىللە شىمالى كورىيىنى زىيارەت قىلىدۇ.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، شىمالى كورىيە دۇنيادا سىياسىي جەھەتتىن يېتىم قالدۇرۇلغان، دېھقانچىلىققا سالىدىغان مەبلىغى يوق، ئاشلىق مەھسۇلاتلىرى يىلدىن يىلغا كېمىيىپ كېتىۋاتقان دۆلەت.
بۇ دۆلەتتە ھازىر خەلق تەمىنلىنىدىغان ھەر كۈنلۈك يېمەك قۇۋۋىتى 1مىڭ 400 كالورىيىدىن 700 كالورىيىگە چۈشۈپ قالدى. بۇ دۆلەتتىن 3 يېرىم مىليون خەلق سىرتقا قېچىپ چىقتى، يەنە 24 مىليون خەلق ئاچارچىلىققا يۈزلەنمەكتە.