پىچاندا ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ پىچان ناھىيىسىدە يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دۆلەت تاش يولىدا تۆت ماشىنا ئارقىمۇ - ئارقىدىن سوقۇلۇپ كېتىش نەتىجىسىدە 2 ئادەم ئۆلۈپ، 2 ئادەم ئېغىر دەرىجىدە يارىلانغان. تۇرپان ئوت ئۆچۈرۈش دائىرىلىرى قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغان، بۇ ھەقتە "مىنپاۋ" گېزىتى ئۇچۇر تارقاتقان.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ كۆك توقاي ناھىيىسى تەۋەسىدە ئالدىنقى ھەپتىدە بىر قېتىم ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بىر قانچە ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

نۆۋەتتە، ئۇيغۇر ئېلى خىتاي بويىچە قاتناش ۋەقەلىرى ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان جايلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەر خىل بولۇپ، ئىنكاس قىلىنىشىچە، قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش، شوپۇرلۇق ئۆلچىمىگە توشماي ماشىنا ھەيدەش پراۋىسى ئىشلىتىش ھەمدە دەرىجىدىن تاشقىرى تېز ھەيدەش، قاتناش ساقچىلىرىدىكى چىرىكلىك ۋە باشقا سەۋەبلەر ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى ئاساسلىق ئامىللار ئىكەن.