پولشانىڭ سابىق پرېزىدېنتى ۋالېسا خىتاينى دالاي لاما مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2008.11.28
2008.11.28
لىخ ۋالېسا دالاي لامانى 6 - دېكابىر كۈنى پولشانىڭ گدانسك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۆزىنىڭ نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە تەكلىپ قىلغان. لېكىن شۇ كۈنكى پائالىيەتكە قاتنىشىدىغان فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي مۇراسىمدا دالاي لاما بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى كېلەر ھەپتە فرانسىيىدە چاقىرىلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى - خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىنى بىكار قىلغان ئىدى.
ۋالېسا مۇنداق دەيدۇ": مېنىڭچە بۇ دۆلەت ۋە بۇ دۆلەتنىڭ تۆپىسىدىكى رەھبەرلەر مۇغەمبەرلىك قىلىشتىن بۇرۇن ئازراق ئويلاپ كۆرۈشى كېرەك، بىزنىڭ مېھمانلىرىمىزنى ئۇلار تاللاپ بەرمەسلىكى لازىم." ۋالېسا گدانسك شەھىرىدىكى پائالىيەتكە يەنە سابىق جەنۇبىي ئافرىقا پرېزىدېنتلىرىدىن نېلسون ماندېلا، دﯤ كرىك قاتارلىقلارنى تەكلىپ قىلغان.
ۋالېسا ئەسلى پولشانىڭ گدانسك پورتىدىكى بىر كېمە زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى ئىدى. ئۇ، 1980 - يىللاردا پولشا ئىتتىپاق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا رەھبەرلىك قىلىپ، پولشادا كوممۇنىزىمنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان شەخسلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ۋالېسا يەنە مۇنداق دەيدۇ": مەن خىتاينى ئاگاھلاندۇرماقچى. دۇنيا بىلەن بولغان قارشىلىشىشنى بۇ تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ئىپادىلىمەسلىكى كېرەك."
ۋالېسا پولشا ئىتتىپاق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ زوراۋانلىقسىز ئەركىنلىك ھەرىكىتىدە ئوينىغان رولى سەۋەبىدىن 1983 - يىلى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدى.