بۇ خىل يۇقۇملۇق كېسەل ئاساسەن بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا ئاسان يۇقىدىغان بولۇپ، مەزكۈر كېسەللىك مىكروب بىلەن يۇقۇملانغانلاردا قىزىش، قول، پۇت ھەمدە ئېغىز بوشلۇقىغا يارا چىقىش، بەزى بىمارلاردا يەنە جىددىي يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغى، ئۆپكىگە سۇ چۈشۈش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ.
پۇت، قول، ئېغىز ياللۇغى ئۆچەي باكتىرىيىسىدىن پەيدا بولىدىغان بىر خىل ئۆتكۈر يۇقۇمچان كېسەللىك بولۇپ، ئىدارە، ئورگان، مەكتەپ، يەسلىلەردە بولۇپمۇ ئوپچە تاماقخانىلاردا تازىلىق ئۆلچىمىگە دىققەت قىلماسلىق سەۋەبلىك يەنىمۇ كەڭ تارقىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
سەھىيە ئورۇنلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ خىل كېسەللىك تارقالغاندا بارلىق ئاممىۋى سورۇن ھەمدە مەكتەپ،ئىدارە، ئورگانلار ئوپچە ئىشلىتىدىغان ئەسلىھەلەرنى دېزىنفىكسىيىلەش، ئىشخانا ئۆيلەرنىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، كىشىلەر ئۆزىنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ياخشى ئوزۇقلىنىش، يىمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، شەخسى تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش، كېسەللىك كۆرۈلگەن ھامان دوختۇرغا بېرىش ھەم يەنىمۇ تارىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئائىلىدە ئايرىم كۈتۈنۈش قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك ئىكەن.
بۇنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر ئېلى سەھىيە تارماقلىرى 54 مەكتەپتە قىزىل، سۇ چېچىكى، جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنىڭ تارالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
