پۇتىن ناھۆكۈمەت تەشكىلاتلارنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەيدىغان قانۇنغا ئىمزا قويدى

شەنبە كۈنى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن رۇسىيە دۇماسىنىڭ قارارىدىن ئۆتكەن چەتئەللەرنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشكەن نا ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنى«چەتئەلنىڭ ئالاھىدە خىزمەتچىلىرى» دەپ بېكىتىپ، بۇ تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەيدىغان قانۇنغا ئىمزا قويدى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.07.22


ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پۇتىننىڭ مەزكۇر قانۇننى ئىمزالىشىدىن كېيىن خەلقئارالىق ھوقۇق تەشكىلاتلىرى جۈملىدىن رۇسىيىدىكى ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنىڭ نارازىلىق ئىنكاسلىرى پەيدا بولغان. بىر قىسىم ناھۆكۈمەت تەشكىلاتلار بۇ قانۇنغا بويسۇنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكى بۇ ھەقتە مەيدانىنى بىلدۈرۈپ، بۇ مەسىلىگە چوڭقۇر كۆڭۈل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پۇتىن يەنە بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىنى ئالمىغان نامايىشلارغا قاتناشقانلارنىڭ جەرىمانە قويۇلۇش ئارقىلىق جازالىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى قانۇنغا ئىمزا قويغان ئىدى.

ۋلادىمىر پۇتىن ھاكىمىيەتنى ئىگىلەشتىن ئىلگىرى موسكۋادا يۈزبەرگەن كەڭ كۆلەملىك نامايىشلارنى چەتئەللەرگە باغلاپ ئەيىبلىگەن ئىدى. ئۆكتىچىلەر بولسا، پۇتىننىڭ ھاكىممۇتلەقلىق تۈزۈم ئورنىتىش يولىغا مېڭىۋاتقانلىقىنى، بۇ قانۇنلار ئارقىلىق خەلقارالىق ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ رۇسىيىدىكى پائالىيەتلىرىگە چەك قويۇشقا ئىنتىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلماقتا،

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.