ۋلادىمىر پۇتىن پرېزىدېنتلىق سالاھىيىتىدىكى سەپەرلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە خىتايغا قاراتتى

تېخى يېقىندا پرېزىدېنتلىققا قەسەم بېرىپ، ۋەزىپە تاپشۇرىۋالغان رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن يېقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئېلىپ بارىدىغان بىر قاتار چەتئەل سەپەرلىرىنىڭ كۈن تەرتىپنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ، ئالدى بىلەن بېلارۇسىيە، گېرمانىيە ۋە فرانسىيىنى زىيارەت قىلىپ بولۇپلا،ئارقىدىن ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلىدۇ. لېكىن، پۇتىن بۇ قېتىم ئامېرىكىدىكى 8 سانائەت دۆلىتى يىغىنىغا كەلمىگەن.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.05.20


پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنت ئىشخانىسىنىڭ مەلۇمات بېرىشىچە، ۋلادىمىر پۇتىن 6 - 7 - ئىيۇن كۈنلىرىنى خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ ھەمدە شاڭخەي ھەمكارلىقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

بۇ، ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئۈچىنچى نۆۋەت پرېزىدېنت بولغاندىن كېيىن، خىتاينى يەنە پرېزىدېنتلىق سالاھىيىتى بىلەن زىيارەت قىلىشى ھەمدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى يىغىنىغا قايتىپ كېلىشىدۇر.

پۇتىن خىتاي زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بولۇپلا قازاقىستانغا كېلىپ دۆلەت زىيارىتى ئېلىپ بارىدۇ.

پۇتىننىڭ ئامېرىكا ۋە غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى بىر مەھەل سوغۇقلاشتۇرۇپ، مانا ئەمدى مۇناسىۋەتلىرىنى قايتا تەڭشەۋاتقان ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلىشى ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەر بولدى. تەھلىلچىلەر پۇتىننىڭ ياۋرو - ئاسىيا ئىتتىپاقىنى قۇرۇش غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىدا ئۆزبېكىستاننىڭ توسالغۇ بولۇشى مۇمكىنلىكى، ئەمما قازاقىستاننىڭ ئۇنى قوللايدىغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن پۇتىننىڭ بۇ ئىككى دۆلەتنى مەركىزىي ئاسىيا رايونىدا ئالاھىدە ئورۇنغا قويغانلىقىنى تەھلىل قىلىشماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىلا ئېنېرگىيە دۆلەتلىرىدۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.