پۇتىننىڭ قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىشى قارشىلىققا دۇچ كەلدى

دۈشەنبە كۈنى ۋلادىمىر پۇتىن رەسمىي قەسەمىيات مۇراسىمى ئارقىلىق رۇسىيە پرېزىدېنتىلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرىۋالىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇ يەكشەنبە كۈنى موسكۋادىكى ئەڭ چوڭ چېركوۋنى تاۋاب قىلغان. رۇسىيىنىڭ «نېۋسرۇ» ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە، يەكشەنبە كۈنى موسكۋادىكى ئۆكتىچىلەر نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، پۇتىننىڭ ۋەزىپە تاپشۇرىۋېلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.05.06

نەتىجىدە نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ، كۆپ ساندا ئۆكتىچى تۇتقۇن قىلىنغان. پۇتىن دۈشەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن ئۆزىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك پرېزىدېنتلىق تارىخىنى باشلايدۇ. يەكشەنبە كۈنى يەنە زور ساندا ئادەم كوچىغا چىقىپ پۇتىننىڭ ۋەزىپە تاپشۇرىۋېلىشىنى قوللىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.