بۇ 20 نەپەر ئۇيغۇر 2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان قارا-قويۇق تۇتقۇن ۋە باستۇرۇشلاردىن ئۆزىنى دالدىغا ئېلىش ئۈچۈن تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ئاخىرى كامبودژاغا يېتىپ كەلگەن ئىدى. بۇ يەردە ئۇلارنىڭ پاناھلىنىش مەسىلىسى بىر تەرەپ بولۇۋاتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى كامبودژادىن بۇ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
كامبودژا دائىرىلىرى ئەينى چاغدا ئۆزىنى قايتا-قايتا ئۇيغۇرلارنى قايتۇرماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان ئامېرىكا ۋە باشقا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاخىرىدا ئەينى چاغدىكى خىتاي مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە كامبودژاغا كېلىپ، ئۇلارغا بىر مىليارد دوللار قىممىتىدىكى مەبلەغ ۋەدە قىلىشى بىلەن پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىپ، بۇ ئۇيغۇرلارنى قولغا ئېلىپ، چاقماق تېزلىكىدە خىتايغا قايتۇرۇۋەتكەن ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۈگۈنكى باياناتىدا، كامبودژانىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە كامبودژانىڭ خەلقئارا قانۇنلارنى ئېغىر دەپسەندە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار باياناتىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كامبودژادىن قايتۇرۇپ ئەكەتكەن 20 ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، خەلقئارا جامائەتنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.