ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نامايىشچىلار قوللىرىدا "قازاقنىڭ يېرى سېتىلمايدۇ" دېگەن لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن بولۇپ، تەخمىنەن 1000 ئەتراپىدا نامايىشچى ئالمۇتا شەھىرىدىكى چوڭ باغچىدىكى لېنىننىڭ ھەيكىلى يېنىغا توپلانغان.
ئۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىرى نۆۋەت بىلەن سۆزگە چىقىپ، قازاقىستان رەھبەرلىرىنى خىتايغا يەر ئىجارە بەرمەسلىككە چاقىرغان شۇنىڭدەك خىتاينىڭ قازاقىستانغا تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن.
خىتايغا يەر ئىجارە بېرىش مەسىلىسى ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدا مەيدانغا چىققان بولۇپ، ئاستانا رەھبەرلىرى خىتاينىڭ قازاقىستاندىن بىر مىليون گېكتار يەرنى دېھقانچىلىق قىلىش ئۈچۈن ئىجارە بېرىشكە تەلەپ قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن بۇ خەۋەر تېزدىن تارقىلىپ، جەمئىيەتتە كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلغان ئىدى.
پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېۋ ۋە باش مىنىستىر كەرىم مەسۈموۋ قازاقىستاننىڭ تۇپرىقىنىڭ خىتايغا بېرىلمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، بىراق تاكى ھازىرغىچە ئۆكتىچىلەر ئارىسىدا ئىنكاسلار داۋاملاشماقتا ئىدى. قازاقىستان ئۆكتىچىلىرىنىڭ تەنقىد قىلىشىچە، خىتاي نۆۋەتتە، قازاقىستاننىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق بايلىقلىرىغا مەبلەغ سېلىپ ۋە بەزى ئېنېرگىيە شىركەتلىرىنىڭ پاي چەكلىرىنى سېتىۋېلىپ، بۇ جايدا ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇشقا باشلىغان. بۇ ئەھۋال قازاقلار ئارىسىدا تەھدىت تۇيغۇسىنى ئاشۇرماقتا ئىكەن.
ئۆتكەن يىلى خىتاي - قازاقىستان رەھبەرلىرى، خىتاينىڭ قازاقىستانغا 10 مىليارد دوللار قەرز بېرىپ تۇرۇشقا پۈتۈشكەن ئىدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئۆكتىچى پارتىيە "ئازات"نىڭ رەھبىرى بولات ئابىلوۋ "ئۇلار خىتايدىن 13 مىليارد قەرز ئالدى، ئەمدى ئۇلار بىزنىڭ تۇپراقلىرىمىز بىلەن بۇ قەرزنى قايتۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ" دېگەن. نامايىشچىلار "قازاقىستان زېمىنىدا خىتاينىڭ پۇرچاقلىرىغا ئورۇن يوق" دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىغان.
بۇ قازاقلارنىڭ مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. قازاقىستان ساقچى دائىرىلىرىمۇ بۇ نامايىشقا رۇخسەت قىلغان بولۇپ، ئىلگىرى ئۇلار ئۆكتىچىلىك نامايىشىغا يول قويمىغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتايغا قارشى نامايىشلار ئالمۇتىدا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بولسا، بۇ نۆۋەت قازاقلار ئۆزلىرى مەيدانغا چىققان.