مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەر قازاقىستان پارلامېنت سايلىمىنىڭ دېموكراتىك ئۆلچەملەرگە يەتمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى
2012.01.16
ئەمما سايلامنى كۆزەتكەن ياۋروپا ھەمكارلىق ۋە بىخەتەرلىك تەشكىلاتى قازاقىستاندىكى پارلامېنت سايلىمىنىڭ دېموكراتىك ئۆلچەملەرگە ئۇيغۇن شەكىلدە ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سايلامدا يەنە ئاقيول پارتىيىسى 7.46% ئاۋازغا، قازاقىستان كوممۇنىست خەلق پارتىيىسى 7.42% ئاۋازغا ئېرىشىپ پارلامېنتتىن ئورۇن ئالغان. بىراق قازاقىستاندىكى ھەقىقىي ئۆكتىچى-سوتسىيال دېموكراتىك پارتىيە پەقەت 1.59% ئاۋازغا ئېرىشكەن.
قازاقىستاندا نازاربايېفنى ئاشكارا تەنقىدلەپ كېلىۋاتقان بۇ پارتىيىنىڭ ئاۋازى 7% گە يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن پارلامېنتتىن ئورۇن ئالالمىغان. پرېزىدېنت نازاربايېف ئۆز پارتىيىسىنىڭ سايلام غەلىبىسىنى، قازاقىستان خەلقىنىڭ بىرلىك ۋە مۇقىملىقىنى قوللايدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ چۈشەندۈرگەن.
ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ باش سېكرېتارى ئامىرجان كوسانوۋف سايلامنى «ئەخلاقىي نۇقتىدىن قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملارنىڭ ئەڭ پاسكىنىسى» دەپ تەنقىد قىلغان. ئۇ يەنە ئۆز پارتىيىسىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئالماتادا سايلامدىكى ئادالەتسىزلىككە قارشى نامايىش ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
بۈگۈن ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مىكلوس ھارازتى مەزكۇر سايلامدا سايلام بېلەتلىرىنى ساناشنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە ئاشكارا بولمىغانلىقىنى ۋە سايلام جەريانىدا بىر قىسىم ساختىپەزلىكلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.