قازاقىستان ھۆكۈمىتى پارلامېنتى بىلەت تاشلاپ، كىرىمى مەسىموف ھۆكۈمىتىگە ئىشەنچ ئاۋازى بەردى

قازاقىستان پارلامېنتى جۈمە كۈنى بىلەت تاشلاپ، كىرىمى مەسىموف ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىگە ئىشەنچ ئاۋازى بەرگەن. پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسى-خەلق مەجلىسىنىڭ 107 نەپەر ئەزاسىدىن 104 كىشى بىلەت تاشلاپ، ئۇلاردىن 99 ئەزا ئۇنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.01.20

ئالمائاتالىق يەرلىك ئۇيغۇرلاردىن بولغان مەسىموفنىڭ ئېتنىك كېلىپ چىقىشى قازاقىستان رادىكال ئۆكتىچى گۇرۇھلار تەرىپىدىن ئىزچىل تالاش-تارتىش قىلىنىدىغان مەسىلە بولۇپ كەلگەن ئىدى. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇ ئىلگىرى رادىكال ئۆكتىچى گۇرۇھلارنىڭ پىكرىنى بېسىقتۇرۇشنى كۆزلەپ، ئۆزىنىڭ قازاق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

قازاقىستان ئاساسى قانۇنىدا سايلامدىن كېيىن، ھۆكۈمەت چوقۇم يېڭى پارلامېنتنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈشى كېرەك. قازاقىستاندا 16-يانۋار پارلامېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىلىپ، پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نەزەربايۇفنىڭ «نۇر ئوتۇن» پارتىيىسى پارلامېنت خەلق مەجلىسىدىكى 107 ئورۇنسدىن 83 ئورۇننى ئىگىللىگەن ئىدى.

قالغان 24 ئورۇننى نەزەربايېفقا يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان «ئاق يول» پارتىيىسى بىلەن قازاقىستان كوممۇنىستىك خەلق پارتىيىسى ئىگىللىگەن. 16-يانۋاردىكى سايلام خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى. سايلامغا كۆزەتكۈچىلىك قىلغان ياۋروپا بىخەتەرلىك ھەمكارلىق تەشكىلاتى سايلامنىڭ دېموكراتىك بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھەقىقىي ئۆكتىچى پارتىيە-گۇرۇھلارغا توسالغۇلۇق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.