خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قازاقىستان ھۆكۈمىتىنى پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇش بىلەن ئەيىبلىدى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنى پىكىر ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.11.22

ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، قازاقىستان دائىرىلىرى يېقىندا قازاقىستاندىكى 40 قا يېقىن ئۆكتىچى مەتبۇئات ۋە تور بەتلىرىنى تاقاش ھەققىدە سوتقا ئەرز سۇنغان، ئۇلار ئەرزىدە بۇ ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئەسەبىيلىك قىلىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى بۇزۇۋاتقانلىقىنى ۋە دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بولسا قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» نى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتتە پىكىر ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى بوغۇۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتە ئۆكتىچى ئاۋازلارنىڭ تەھدىت ئاستىدا قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر تەشكىلات بۇنىڭدىن سىرت، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بىر قىسىم ئاخبارات خادىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى تۈرلۈك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئاۋارە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قازاق دائىرىلىرىدىن كىشىلىك ھوقۇق ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە خىلاپ بولغان بۇنداق قىلمىشىنى دەرھال ئاياغلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.