قەشقەر ھۆكۈمەت تورىدا كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر مۇلازىمەت مەركىزى نەق مەيداندا كىنىشكا بېجىرىش، مەبلەغ سېلىش ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەش ۋە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى توپلاش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى ئۆتەيدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا مۇلازىمەت ئورنىغا قۇرۇلۇش، پىلان، مۇھىت ئاسراش ۋە دۆلەت يەر-زېمىن ئىدارىسى، قاتارلىق 81 ئورگان ئىشخانا تەسىس قىلغان بولۇپ، ئۇلار «ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ماسلىشىپ» خىزمەت قىلىدىكەن.
«شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەردە ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون بەرپا قىلىپ، خىتاي سودىگەرلىرىنى كۆپلەپ تەكلىپ قىلىش پىلانى ئوتتۇرىغا قويغان.
بەزى خەۋەرلەردە بۇ ئالاھىدە رايونىنىڭ ئاساسلىق نوپۇسى ئۇيغۇر بولغان قەشقەر دىيارىغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يەنە كۆپلەپ يۆتكەپ كېلىش مەقسىتىدە قۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەمدە بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا مەنپەئەت ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.