قەشقەر ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 'تۆتنى بىلىش، تۆتنى ئېنىقلاش، تۆتنى ئىگىلەش' دەيدىغان بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلماقتا
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.09.16
2010.09.16
قەشقەر ھۆكۈمەت تورىدا بېرىلگەن خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ ئارقىلىق قەشقەرنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا، ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىكەن.
ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە جەمئىيەت ئامانلىقىنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى سىياسىي بېسىمىنى ئۈزلۈكسىز ھالدا ئاشۇرۇپ كەلمەكتە. بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۇئەن "ئىجتىمائىي مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزۈدىغان ئامىللارنى بىخ ھالىتىدىلا ئۇجۇقتۇرۇش" دەيدىغان يوليورۇقنى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قاتتىق زەربە بەرگەن ئىدى.
شىتابى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت قەشقەر شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر بەلگىلىمىلىرىگە نىسبەتەن ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تۈرلۈك بەلگىلىمىلەر ۋە نىزاملار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.