بۇيىل قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىدە قوش تىللىق بالىلار باغچىسىدىن 75 ى قۇرۇلۇپ بولدى
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىدە يېزىلاردا قۇرۇپ بولغان قوش تىللىق بالىلار باغچىسىنىڭ سانى 75 گە، ئۇنىڭدا ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ سانى 6338 گە يەتتى.
-
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2008-11-19 -
-
-
خىتاينىڭ 'شىنجاڭ خەۋەر تورى'دا ئاشكارىلىنىشىچە، قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يېزىلىرىدا قوش تىللىق بالىلار باغچىسى قۇرۇش ئىشى "ئاپتونوم رايوننىڭ 2008 - يىلىدىن 2013 - يىلىغىچە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈن قوش تىللىق بالىلار باغچىسى قۇرۇش پىلانى" غا ئاساسەن بۇ يىل 7 - ئايدا باشلانغان ئىدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئىشقا ناھىيە ئەمەلدارلىرى، بولۇپمۇ ناھىيىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت يەر - زېمىن ئىدارىسى، قانۇن كومىتېتى قاتارلىق تارماقلىرى بىۋاستە يېتەكچىلىك قىلماقتا. بۇ ناھىيىدە ھازىر يەنە 8 جايدا قوش تىللىق بالىلار باغچىسى قۇرۇلۇۋاتىدۇ. بۇ ناھىيىدىكى قوش تىللىق بالىلار باغچىلىرىنىڭ سانى پات - ئارىدىلا 90 غا يېتىدۇ.