قەشقەر قەدىمىي رايونىدىن 200 مىڭغا يېقىن نوپۇس كۆچۈرۈلىدىكەن
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.06.08
2009.06.08
غەرب مەتبۇئاتلىرىدا قەدىمىي قەشقەرنىڭ چېقىلىشى قەدىمىي مەدەنىيەت ئىزناسىنىڭ يوقىتىلىشى دەپ كۆرسىتىلگەن ۋە ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا نارازىلىق پىكىرلىرىنى قوزغىغان ئىدى.
ھالبۇكى شىنخۇا ئاخباراتىدا بېرىلگەن خەۋەردە قەدىمىي قەشقەرنىڭ كوچىلىرى تار، سۇ تۇرۇبا، ئەۋرەز يوللىرى، ئۇچۇر - ئالاقە، ئوت ئۆچۈرۈش قاتارلىق ئاساسى مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىغا توسالغۇ پەيدا قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ۋە " قەشقەرنىڭ تارىخى مەدەنىيەتلىك داڭلىق شەھەر ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن بەش يىل ئىچىدە قەدىمىي شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ ئاھالە كۆچۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ" دېيىلگەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر قەدىمىي رايونىدا ياشايدىغان 51 مىڭ ئۆيلۈك 200 مىڭغا يېقىن نوپۇس كۆچۈرۈلىدىكەن. نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى قەدىمىي قەشقەرنى ۋەيرانچىلىقتىن قوغداپ قېلىش ئۇچۇن چارە ئىزدىمەكتە.