5 - دېكابىر قىرغىزىستان دۆلەتلىك رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتى، ئەنگلىيە رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتى، BBC نىڭ پروگراممىلىرىنى تارقىتىشنى توختاتقان بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل قىلىشىچە، قىرغىزىستان دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى قىرغىزىستاننىڭ يۇقىرىقى رادىئو ئىستانسىلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن تاقىۋېتىشىگە قارىتا بايانات ئېلان قىلىپ، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر قىلمىشىنى "قىرغىز خەلقىنى سىرتقى دۇنيادىن ئايرىشنى مەقسەت قىلىدۇ" دەپ ئەيىبلىگەن.
ھالبۇكى، قىرغىزىستان رادىئو، تېلېۋىزىيە شىركىتى، مەزكۇر چەتئەل رادىئو قاناللىرىنىڭ قىرغىزىستاندىكى تارقىتىلىشىنىڭ تاقىلىشىغا، ئۇلارنىڭ توختامغا خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەب بولغانلىقىنى كۆرسەتكەن ھەمدە ئەركىن ياۋروپا ۋە ئازادلىق رادىئوسىنىڭ قىرغىزىستان رادىئو تېلېۋىزىيە ئىدارىسىگە قەرزدار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، ئەمما ئەركىن ياۋروپا ۋە ئازادلىق رادىئوسىنىڭ پرېزىدېنتى جېفرى گېمىن قىرغىزىستان دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر سەۋەبلىرىنى رەت قىلغان ۋە ئىجارە ھەقلىرىنىڭ دەل ۋاقتىدا تۆلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
