قىرغىز - ئۆزبېك چېگرىسىدىكى ئوق چىقىرىشتا بىر نەپەر قىرغىزستانلىق ئۆلتۈرۈلگەن

«ئازادلىق» رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 4 - يانۋار كۈنى قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان چېگرىسىدا ئۆزبېكىستان چېگرا قوغدىغۇچىلىرىنىڭ قىرغىزىستان پۇقرالىرىغا قورال ئىشلىتىشى نەتىجىسىدە بىر ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013.01.06


خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۆزبېكىستان چېگرا قوغدىغۇچى ئەترىتى ئەتكەسچىلىك قىلىش ئۈچۈن، چېگرىدىن قانۇنسىز ئۆتكەن قىرغىزىستان پۇقراسىغا ئوق چىقىرىپ، ئۇنى ئۆلتۈرگەن ھەمدە شۇ كۈنى كەچتە جەسەت ئۆلگۈچىنىڭ قىرغىزىستان تەرەپتىكى تۇغقانلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ئەرزى - دەۋاسى يوقلۇقى ھەققىدە خەت ئېلىنغان. بىراق، قىرغىزىستان تەرەپ بۇ ۋەقەنى ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەمما، قىرغىزىستان دۆلەت چېگرا ئىدارىسى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزبېكىستان تەرەپنىڭ مۇنداق قىرغىزىستان پۇقرالىرىغا ئوق چىقىرىش ۋەقەلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۆزبېكىستان چېگرا قوغدىغۇچىلىرى مۇنداق ئوق چىقىرىشنى ئامالسىزلىقتىن ئۆزلىرىنىڭ ھايات بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن.

بۇ خىلدىكى ۋەقەلەر ئىلگىرى قازاقىستان - ئۆزبېكىستان چېگرالىرىدىمۇ يۈز بەرگەن ئىدى.

ھازىر قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان چېگرا قوغدىغۇچىلىرى ئىككى دۆلەت چېگرىسىنى قاتتىق قوغداش تۈزۈمى ئورناتقان بولۇپ، ئوش ۋە جالال - ئاباد ۋىلايەتلىرىگە سوزۇلغان ئۆزبېكىستان - قىرغىزىستان چېگرىسى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە پۈتۈنلەي ئوچۇق ئىدى. بىر ئائىلە كىشىلىرى ۋە ئۇرۇغ - تۇغقانلار چېگرىنىڭ ھەر ئىككىلا تەرىپىگە ئورۇنلاشقان بولۇپ، ئۇلار ئارىسىنى پەقەت نامى بار، ھېچقانداق توساقسىز جۇمھۇرىيەت چېگرىلىرى ئايرىپ تۇراتتى. بىراق، مۇستەقىللىقتىن كېيىن ۋەزىيەت ئۆزگەردى.

2010 - يىلى ئوش ۋە جالال ئاباد رايونىدا يۈز بەرگەن ئۆزبېك - قىرغىز توقۇنۇشىدا 100 مىڭ ئۆزبېك ئۆزبېكىستان تەۋەسىگە قېچىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز ۋەتىنىگە قايتۇرۇلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.