قىرغىزىستاندا پارلامېنت سايلىمى 10 - ئۆكتەبىر ئېلىپ بېرىلىدۇ

قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى قىرغىزىستاندىكى پارلامېنت سايلىمىنىڭ 10 - ئۆكتەبىر كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. قىرغىزىستان پرېزىدېنتى روزا ئوتۇنبايېۋا تېخى يېقىندىلا يۈز بەرگەن ئېتنىك توقۇنۇشتىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مۇقىملىقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن سايلامنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، روزا ئوتۇنبايېۋا بۈگۈن ئېلان قىلغان قارارنامىسىدا ھۆكۈمەتتىن سايلامدىن ئاۋالقى بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلغان. قىرغىز ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بۇ يىل 6 - ئايدا ئاساسىي قانۇنىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، پارلامېنتقا تېخىمۇ كەڭ ھوقۇق بېرىدىغان بىر ئاساسىي قانۇننى ماقۇللىغان ئىدى.

قىرغىزىستان 4 - ئايدا سابىق پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېف ئاغدۇرۇلغاندىن بېرى پارلامېنتسىز تۇرماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەتتە ئارقا - ئارقىلاپ مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشلاردا 350 تىن ئارتۇق كىشى ئۆلۈپ، 400 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۆي - ماكانلىرىدىن ئايرىلغان ئىدى.

قىرغىزىستاندىكى توقۇنۇشلارنىڭ ئايىغى ھېلىھەم تەلتۆكۈس ئۈزۈلمەي كەلمەكتە. قىرغىزىستان دۇنيادا ئامېرىكا ۋە رۇسىيىنىڭ ھەربىي بازىلىرى تەڭ مەۋجۇت بولغان دۆلەت بولۇپ، ئۇنىڭ مۇقىملىقى رايون ئۈچۈن مۇھىم دەپ قارالماقتا.