بىر قىسىم قىرغىز پارلامېنت ئەزالىرى رۇسىيىنىڭ نارىن دەرياسىدا سۇ ئامبىرى قۇرۇشىغا قارشى چىقتى

قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى كېڭىشىنىڭ بىر قانچە نەپەر ئەزاسى پارلامېنتنىڭ رۇسىيە بىلەن تۈزۈلگەن سىر دەرياسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ھېسابلىنىدىغان نارىن دەرياسىدا سۇ دامبىسى ۋە «كامباراتا گ ئە س - 1» ناملىق چوڭ كۆلەمدىكى سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنى قۇرۇش ھەققىدىكى كېلىشىمنى تەستىقلاشقا قارشى چىقتى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013.01.20


قىرغىزىستان «24.كگ» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ كېلىشىمنى تەستىقلاشقا ئۆكتىچى پارتىيە «ئاتا ماكان» پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ئۆمۈربېك تېكەبايېف قارشى تۇرغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى يەنە «ئاتاجۇرت» پارتىيىسىدىن كېلىپ چىققان پارلامېنت ئەزالىرىمۇ قارشى تۇرغان ئىدى.

قارشى چىققان پارلامېنت ئەزالىرى رۇسىيىنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن قارىلىدىغان مەزكۇر سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنىڭ قىرغىزىستان دۆلەت مەنپەئەتىگە نامۇۋاپىق ئىكەنلىكى، ئاساسلىق مەنپەئەتنىڭ رۇسىيە تەرەپتە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىشكەن.

رۇسىيىنىڭ قىرغىزىستان بىلەن بىرلىشىپ، سىر دەرياسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولغان نارىن دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدا سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى ۋە سۇ ئامبارلىرىنى قۇرۇشى ئۆزبېكىستان، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئەندىشىگە سالغان بولۇپ، ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى بۇنىڭغا نىسبەتەن قاتتىق مەيدانىنى بىلدۈرگەن ئىدى.چۈنكى سىر دەرياسىنىڭ سۇ مەنبەسى رۇسىيە تەرىپىدىن قامال قىلىنسا، ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان ئېغىر مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدىكەن. بۇ ھال ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.