قىرغىز ۋە رۇسىيە 20 قىرغىزىستاندا بىرلىكتە سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇشقا پۈتۈشتى
2012.09.22
كېلىشىم رۇسىيە پرېزىدېنتنى پۇتىننىڭ قىرغىزىستانغا قاراتقان زىيارىتى جەريانىدا ھاسىل قىلىنغان. بۇ نۆۋەت ئىككى تەرەپ ئارىسىدا كامباراتا - 1 سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قاتارلىق 4 سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىنى بىرلىكتە قۇرۇش، رۇسىيىنىڭ قىرغىزىستاندا يەنە ھەربىي بازا قۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىشتىن ئىبارەت جەمئىي 6 تۈرلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان.
كېلىشىم بويىچە، كامباراتا - 1 ئېلېكتر ئىستانسىسى ۋە نارىن دەرياسىغا قۇرۇلىدىغان سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرى 2013 - يىلى قۇرۇلۇشقا باشلايدىغان بولۇپ، بۇلارنى رۇسىيىنىڭ «رۇسگىدرو» ئېلېكتر ئېنېرگىيە شىركىتى بىلەن قىرغىزىستان سۇ ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى شىركىتى بىرلىكتە قۇرىدىكەن ۋە پايدىسىنى تەڭ بۆلۈشىدىكەن.
نارىن دەرياسى ئۆزبېكىستاننىڭ پەرغانە ۋادىسىنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق دەريا بولغاچقا، ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى مەزكۇر سۇ ئېلېكتر ئىستانسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قاتتىق قارىشى تۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىدى.
ئۆزبېك پرېزىدېنتىنى ئىسلام كەرىموف يېقىندا بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا مەزكۇر سۇ ئېلىكتۇر ئىستانسىسى قۇرۇلسا ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئۇرۇش پارتلايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.
ھالبۇكى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئېلىكتۇر ئىستانسىسىنى رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە قۇرىدىغانلىقىنى، 50 پىرسەنت پايچېكىنى رۇسىيە دائىرىلىرى كونترول قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئۆزبېكىستاننى قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان.