خىتاي قىرغىزىستانغا 2 مىليارد دوللار مەبلەغ سالماقچى
2011.06.05
پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى» دىن نەقىل كەلتۈرۈپ تارقاتقان ئۇچۇرىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ ئۇچۇرنى قىرغىزىستاننىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئۆمۇربېك بابانوفمۇ ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئۇ 1-ئىيۇن كۈنى خىتاينىڭ «سىنوگىدرو» شىركىتىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆزلەشكەندە خىتاي تەرەپنىڭ قىرغىزىستاننىڭ سۇسامىر ۋە كوكومېرەن دەريالىرىدا ئۇلانما سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرى قۇرۇشقا پۈتۈشكەن.
پۈتۈشۈم بويىچە بىرلىكتە پىلانلار تۈزۈلۈپ، 2011-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن ئېتىبارەن قۇرۇلۇش باشلىنىدىكەن. ئەسلىدە بابانوف بىلەن خىتاي تەرەپ بۇ يىل ئاپرېل ئېيىدا بابانوف بېيجىڭنى زىيارەت قىلغاندا بۇ كېلىشىم ھەققىدە سۆزلىشىپ، پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىپ بولغان ئىدى.
كېيىنكى ۋاقىتلاردا قىرغىزىستاننىڭ ئېنېرگىيە مەسىلىسى جىددىيلىشىپ قالغان بولۇپ، قىرغىزىستان ئۆزبېكىستاندىن ئالىدىغان تەبىئىي گازنىڭ ھەققىنى تۆلىيەلمەيدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەن، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىنى ئىشلىتىشتىمۇ يېتىشمەسلىك كۆرۈلۈپ، ئاھالىلەرنىڭ ھاياتىغا بېسىم پەيدا قىلغان ئىدى.
قىرغىزىستان يېڭى ھۆكۈمىتى قىرغىزىستان سۇ مەنبەسىنىڭ ياخشى بولۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى قۇرۇش ئارقىلىق ئېنېرگىيە مەسىلىلىرىدىكى قىيىنچىلىقلارنى شۇنىڭدەك يەنە ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ئېكسپورتى ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنى ياخشىلاشقا كىرىشكەن.