دۈشەنبە كۈنى ليۇكسېمبۇرگدا ئۇچراشقان ياۋروپا ئەللىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، قىرغىزىستاندا "قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ۋە كىشىلىك ھوقۇق تولۇق ھۆرمەت قىلىنىدىغان" دېموكراتىك ھۆكۈمەت قۇرۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى كۆرسەتتى.
قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە، 27 - ئىيۇن ئومۇمىي خەلق راي سىناش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، قىرغىزىستان ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ يىل 10 - ئۆكتەبىر قىرغىزىستاندا پرېزىدېنت سايلىمى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
ياۋروپا بىرلىكى قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشنى قانۇن ئۆزگەرتىشتىن باشلاپ، دېموكراتىك سايلامغا ئاساس سېلىش ئۈچۈن جىددىي تەييارلىق كۆرۈۋاتقانلىقىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ ئاينىڭ بېشىدا قىرغىزىستان خەلقى كەڭ كۆلەملىك نامايىش قىلغان ۋە قۇرمانبېك باقىيېف ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تىكلىگەن ئىدى.