12 ياشلىق مىرزاھىدنىڭ كورلىدىكى بىر ساقچىخانىدا قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە
2012.05.23
مىرزاھىد 20- ماي تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ، خىتاي ساقچىلىرى مىرزاھىدنىڭ ئانىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ 21- ماي «ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان» لىقىنى بىلدۈرگەن.
بىزگە كەلگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، مىرزاھىد ئەسلى شاياردىن بولۇپ، ھازىر مەككىدە تۇرۇۋاتقان دادىسىنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە كورلىدىكى بىر موللامنىڭ ئۆيىدە دىنىي تەلىم ئېلىۋاتقان ئىكەن.
خىتاي ساقچىلىرى 20- ماي مەزكۇر موللامنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ، مۇدەررىستىن باشقا مىرزاھىد قاتارلىق ئىككى تالىپنى تۇتۇپ كەتكەن.
مىرزاھىد تۇتۇلۇپ ئارىدىن بىر كۈن ئۆتكەندە، خىتاي ساقچىلىرى ئۇنىڭ شاياردىكى ئانىسىغا مىرزاھىدنىڭ تۈرمىدە «تامغا ئۈسۈپ ئۆلۈۋالغان» لىقىنى ۋە دەرھال كېلىپ «داۋراڭ سالماي يەرلىككە قويۇۋېتىش» نى ئېيتقان.
بالىسىنىڭ جەسىتىنى ئېلىش ئۈچۈن كورلا ساقچىخانىسىغا بارغان مىرزاھىدنىڭ ئانىسى بالىسىنىڭ بەدىنىدە ئېغىر تاياق يارىسى ۋە بوينىدا بوغۇلغان ئىزلارنىڭ بارلىقىنى كۆرگەن.
خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بېسىمى ۋە نازارىتى ئاستىدا مىرزاھىدنىڭ جەسىتى 22- ماي يەرلىككە مەجبۇرىي قويۇلغان، ئۇنىڭ قەبرىسى بېشىدا قۇرئان ئوقۇشقىمۇ روخسەت قىلىنمىغان.
مىرزاھىد بىلەن بىرگە تۇتۇلغان مۇدەررىس ۋە يەنە بىر تالىپنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.
بۇ يىل 8- مارت كورلىنىڭ توۋرچى يېزىسىدا ئۇيغۇر پىدائىيلار خىتاي ساقچىلىرى بىلەن ئېلىشىپ ئۆلگەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى كورلا تەۋەسىدە دىنىي زاتلارغا زەربە بېرىشنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن ئىدى.