شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر ئالدىنقى كۈنى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ پەيزىۋات ناھىيىسىدىن يەنە 189 نەپەر ئۇيغۇر قىزنى خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىگە يولغا سالغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە"بۇ، ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن شىنجاڭنىڭ ئىچكىرىدىكى ئۆلكە - شەھەرلەرگە يولغا سالغان تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىشلەمچىلەر" ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرىدىكى ئۆلكە - شەھەرلەرگە يولغا سېلىش سىياسىتى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى.
بۇ سىياسەت شاۋگۈەن ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا شۇنداقلا شاۋگۈەن ۋەقەسى 5 - ئىيۇلدا ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەبچى بولغان ئىدى.
پەيزىۋات ناھىيىلىك پارتكوم دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 5 - ئاۋغۇست كۈنى جېجياڭغا يولغا سېلىنغان بۇ ئۇيغۇر قىزلار بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان مەزكۇر ناھىيىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يولغا سېلىنغان 23 - تۈركۈمدىكى ئىشلەمچىلەر ئىكەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەزكۇر ناھىيىدىن جەمئىي 4300 نەپەر ئىشلەمچىنىڭ ئىچكىرىدىكى 7 ئۆلكىگە يولغا سېلىنغانلىقىنى، يېقىنقى 3 يىلدا يولغا سېلىنغانلارنىڭ 19 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.