خىتايدا يەنە 80 دىن ئارتۇق ئۆسمۈر قوغۇشۇن بىلەن زەھەرلەندى

خىتايدا يەنە 80 دىن ئارتۇق ئۆسمۈر قوغۇشۇن بىلەن زەھەرلەندى. بۇ نۆۋەتلىكى زەھەرلىنىش خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسى خېچىڭ ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن. خېچىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يەكشەنبە كۈنى تارقاتقان باياناتتا كۆرسىتىشىچە، بۇ نۆۋەت جەمئىي 84 ئۆسمۈر قوغۇشۇندىن ئېغىر زەھەرلەنگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.07.26
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

مەلۇم بولۇشىچە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ يىل 2 - ئىيۇلدىن 26 - ئىيۇلغىچە، مەزكۇر ناھىيە تەۋەسىدىكى بىر مېتال تاۋلاش زاۋۇتى يېنىغا جايلاشقان بىر يېزىدا سالامەتلىك تەكشۈرگەن. 500 ئۆسمۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى مىڭغا يېقىن ئادەم تەكشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 84 ئۆسمۈردە قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش ئالامىتى كۆرۈنگەن. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ يېزىدا تەكشۈرۈشنى يەنە داۋام قىلماقتا ئىكەن.

خىتايدا قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنپىڭ يېزىسىدىلا 1300 بالىدا قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش ھادىسىسى كۆرۈنگەن ئىدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.