قورغاس ناھىيىسى ھېيت - بايرام مەزگىلىدىكى جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشقا ئالاقىدار بەش تۈرلۈك تەدبىرنى يولغا قويدى

خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى قورغاس ناھىيىسىدە ھېيت - بايرام مەزگىلىدىكى جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشقا ئالاقىدار، تەيىنلىگەن ئون باشلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ۋە ئۇچۇر - ئاخبارات يەتكۈزۈش خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىق بەش تۈرلۈك تەدبىر يولغا قويغان.

شىنجاڭ ئامانلىق تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىلى ئوبلاستى قورغاس ناھىيىسى قۇربان ھېيت ۋە يېڭى يىل مەزگىلىدە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن يولغا قويغان 5 تۈرلۈك تەدبىرنىڭ بىرىنچى ماددىسىدا، " مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ دېگەن ئىدىيىنى تۇرغۇزۇش، مەزكۇر رايون دۇچ كېلىش ئېھتىمالى بولغان خەتەرنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىش، مۇقىملىقنى ساقلاشقا ئالاقىدار ھەر تۈرلۈك خىزمەتنى قاراتمىلىق ھالدا ئېلىپ بېرىش" قاتارلىق مەزمۇنلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بەلگىلىمىدە يەنە، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان خەۋەر - ئاخبارات توپلاش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ناھىيە، يېزا ۋە كەنتلەردىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك ئۇچۇر تورىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ھەر ئون ئائىلىگە بىردىن تەيىنلەنگەن باشلاردىن پايدىلىنىپ تىڭتىڭلاپ ئۇچۇر توپلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش قاتارلىقلار كۆرسىتىلگەن.

ھالبۇكى، مەزكۇر بەلگىلىمىدە ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدىغان يېرى، " ئۆز ۋاقتىدا تىز مەلۇم قىلىش، ئىنكاسى تىز بولۇش، يۈز بەرگەن مۇھىم ئىشلارنى ۋە تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى بىرىنچى بولۇپ يۇقىرىغا مەلۇم قىلىش، تەپسىلىي ئەھۋالىنى ئارقىدىن يەتكۈزۈش، ھەمدە ئۇرۇش قىلىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق" قاتارلىقلاردۇر.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى بۇ خىلدىكى ئامانلىق ساقلاش تەدبىرلىرىنى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ھەر قايسى يېزا - قىشلاقلىرىغىچە كېڭەيتكەن بولۇپ، خىتاينىڭ مەزكۇر تەدبىرلىرى ئۇيغۇر ئىلى خەلقنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا ئېغىر دەخلى يەتكۈزگەنلىكى سەۋەبلىك كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلمەكتە.