خەۋەرگە ئاساسلانغاندا بۇ ئىشتىن خەۋەردار مەلۇم بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، بۇ ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇلار بىرلىكتە نارازىلىق بىلدۈرمەكچى بولغان بىراق مەكتەپ رەھبەرلىكى بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ ئۇلارنى ئۆزلىرىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىرغان ھەمدە ئۇلارنى يېڭىدىن خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەكتەپ ئۇلاردىن يەنە بۇ ئىشنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئاشكارىلىماسلىقنى تەلەپ قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەسلى ئىلمىي ئۇنۋانلىرى بىر قەدەر يۇقىرى ھەم ئۇزۇن مۇددەتلىك ئوقۇتۇش تەجرىبىسىگە ئىگە مائارىپچىلار ئىكەن. بىراق ئۇلار داۋاملىق قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. خىتاي تىلى سەۋەبىدىن خىزمىتىدىن بوشىتىلغان ۋە مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇشقا قارشى بۇ ئوقۇتقۇچىلار «قوش تىللىق» مائارىپنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.
قوش تىللىق مائارىپ نامىدا پۈتۈن مائارىپ ساھەسىنى خىتايچىلاشتۇرۇش سەۋەبىدىن بىر قىسىم مىللىي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمىتىدىن بوشىتىلىش ۋە ياكى دەرس ئۆتۈشتىن قالدۇرۇش ۋەقەسى ئىلگىرىمۇ يۈز بەرگەن ئىدى.
نۆۋەتتە، «قوش تىللىق» مائارىپنى يەسلىگىچە ئومۇملاشتۇرۇشقا جىددىي تۇتۇش قىلىنىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا شىنجاڭ رادىئو ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى قوش تىللىق يەسلى مەكتەپلىرىنى 2237 گە يەتكۈزۈپ، ئىككى يىل ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت «قوش تىللىق» يەسلى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانىنى 349 مىڭدىن ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
