خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىل مائارىپىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتمەكتە

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنىدا يولغا قويۇۋاتقان قوش تىل مائارىپىنى ئالىي مەكتەپتىن يەسلىلەرگىچە، شەھەرلەردىن چەت ناھىيە، يېزىلارغىچە ئومۇملاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر مىللىتىنى خىتايلاشتۇرۇشتەك مەقسىتىنى ئاشكارا ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2009.01.22

تەڭرىتاغ تورىدا نەقىل كەلتۈرۈلۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى باي ناھىيىسىدە" قوش تىل " ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنىنى زورايتىش ئۈچۈن، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن 80 ستۇدېنتنى " قوش تىل " ئوقۇتقۇچىلىقىغا قوبۇل قىلغان، 241 ئوقۇتقۇچىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا خىتاي تىلى ئۆگىنىشكە ئەۋەتكەن ۋە 1 مىليون 450 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجىرىتىپ " قوش تىل " ئوقۇتۇشىغا كېرەكلىك ئەسلىھەلەرنى تولۇقلىغان ۋە پۈتۈن ناھىيە بۇيىچە قوش تىل ئوقۇتقۇچىسىنى 370 كە، قوش تىل سىنىپىنى 304 كە، قوش تىل ئوقۇغۇچىسىنى 8730 غا يەتكۈزگەن. ئۆتكەن يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۈر ناھىيىگە 7 مىليون يۈەن ئاجىرىتىپ، 14 يېزا - بازار، مەيداندا " قوش تىل" بالىلار باغچىسى قۇرغان.

ئۇيغۇر سىياسىيونلىرى " قوش تىل " دەپ ئاتىلىدىغان، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى " بىر تىل ‏ - خىتاي تىلى " ئۆگىنىشكە مەجبۇرلايدىغان، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مائارىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي مائارىپىنى دەسسىتىدىغان بۇ خىل مائارىپ سىياسىتىنىڭ، بىر پۈتۈن مىللەت ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان چوڭ مىللەتچىلىك سىياسىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۈر خاتا سىياسىتىنى توختىتىش ئۈچۈن پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىردەك بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.