خىتاينىڭ قۇربان ھېيتلىق ئېتىبار بەلگىلىمىسى ئۇيغۇرلاردىن بەك خىتايلارنى خۇش قىلدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالدىنقى كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، قۇربان ھېيت مەزگىلىدە كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللاردىن يول يۈرۈش ھەققى ئېلىنمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.10.22

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر بۇنى رايوندىكى مۇسۇلمانلارغا، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئېتىبار بەلگىلىمىسى سۈپىتىدە يولغا قويغان. ئەمما يەرلىك ۋە خەلقئارا خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا قاتناۋاتقان ئاپتوموبىللارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئىلىكىدە، كىچىك ئاپتوموبىللارغا ساھىب ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئومۇمىي نوپۇسقا نىسبەتەن ئېيتقاندا تېخىمۇ ئاز؛ شۇڭا خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى بۇ قۇربان ھېيتلىق ئېتىبار بەلگىلىمىسى، بايرام ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلاردىن بەكرەك خىتايلارنى خۇش قىلغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، رايوندا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي مەسىلىلىرى ئاپتوموبىل ھەققى بولماستىن، بەلكى يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ۋە تۇرالغۇ مەسىلىسى بولۇش بىلەن بىرلىكتە، ئەركىن سۆزلەش، ئەركىن ئىبادەت قىلىش ۋە بىخەتەر ياشاش مەسىلىسىدۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.