ۋىرگىنىيە شتاتىنىڭ فەئىرفاكىس شەھىرىگە جايلاشقان ئامېرىكا- تۈرك دوستلۇق جەمىيىتىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە ۋىرگىنىيە، مارىلاند ۋە باشقا شىتاتلىرىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر جامائىتىدىن 100 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان بولۇپ، كۆپچىلىك بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىر-بىرىنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى .
پائالىيەت جەريانىدا ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى كۆپچىلىكنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە مانا مۇشۇنداق جامائەتنىڭ دائىم بىر يەرگە جەم بولۇپ ئۇچرىشىپ تۇرۇش، پەرزەنتلەرنى ئۇچراشتۇرۇپ، ئۇلارنى بىر-بىرى بىلەن دوستلاشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ جامائەتنىڭ بىرلىكى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى ئاشۇرۇش ھەمدە مىللىي كىملىكىنى ساقلاشتا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ كوللېكتىپ پائالىيەتلىرىمۇ كۆپىيىشكە باشلىغان ئىدى. بۇنىڭدىن بىر ھەپتە ئىلگىرى ، يەنى 12-نويابىر كۈنى ۋاشىنگتون ئەتراپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، 1933-يىلى، ۋە 1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنلىرى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلىگەن ئىدى.