ھەر خىل خەۋەر مەنبەلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پاختا بازىرىنى ئاساسلىقى بىڭتۇەننىڭ ئىگىلىگەنلىكى، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپىنچە ھاللاردا تۆۋەن باھادا سېتىلىشقا مەجبۇر بولۇش ۋە ياكى ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ پاختا ئېتىزلىرىغا بېرىپ تۆۋەن باھادا ياللىنىپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولۇش قىسمەتلىرىگە دۇچار بولغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە، ئىشلەپ چىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى پاختا خام ئەشيالىرىنى مونوپول قىلماقتا. بىڭتۇەن پاختا توقۇمىچىلىق سانائىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى ئالار شەھىرىنى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى چوڭ پاختا توقۇمىچىلىق بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە.
ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى شىمالدا شىخەنزە شەھىرىنى، جەنۇبتا ئالار شەھىرىنى پاختا توقۇمىچىلىق بازىسىغا ئايلاندۇرۇۋاتقان بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم بېرىش سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئالار ۋە شىخەنزە شەھەرلىرىدىكى پاختا توقۇمىچىلىق سانائىتىنى تېخنىكا، كۆلەم ۋە باشقا جەھەتلەردىن ئىزچىل تۈردە كېڭەيتمەكتە ھەمدە چەتئەللەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى كۈچەيتمەكتە. ئالدىنقى يىلى ئالار رەسمىي تۈردە شەھەر دەپ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ جاي بىڭتۇەننىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاساسلىق پاختا ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىگە ئايلاندۇرۇلغان.
خىتاينىڭ شىنجاڭ ئىشلەپ چىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ يىللىق پاختا مەھسۇلاتى پۈتۈن خىتاينىڭ پاختا مەھسۇلاتىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلى بىر مىليون 150 مىڭ توننا پاختا مەھسۇلاتىغا ئېرىشكەن. بىڭتۇەننىڭ نۆۋەتتىكى ئاساسلىق كۈچى ۋە مەبلىغىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىغا قارىتىۋاتقانلىقى ھەمدە بىڭتۇەننىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئادەم سانىنى ئىزچىل تۈردە ئاشۇرۇۋاتقانلىقى ئىنكاس قىلىنماقتا.