رابىيە قادىر خانىم خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا سۆز قىلدى

19 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېچىلغان خاتىرە يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە تونۇشتۇرۇش بەردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008.10.20

يىغىن كالىفورنىيىنىڭ سانتىياگو شەھىرىدە ئېچىلغان بولۇپ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 12 دۆلەتتىن كەلگەن 700 دىن ئارتۇق ئەزاسى يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان.

رادىئومىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، رابىيە قادىر خانىم يىغىنغا ئالاھىدە مېھمان ۋە يىغىندا نۇتۇق سۆزلىگۈچى قاتارىدا تەكلىپ قىلىنغان.

رابىيە خانىم يىغىندا ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بەرگەندە يىغىن ئەھلى بىر نەچچە قېتىم ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ خانىمغا ئېھتىرام بىلدۈرگەن ۋە يىغىندا نۇتۇق سۆزلىگۈچى باشقا مېھمانلارمۇ بىردەك ئۇيغۇرلارنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.