رابىيە خانىم مەزكۈر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر مەسىلىلىرى ھەققىدە دوكلات بەرگەن بولۇپ، رابىيە قادىر خانىم دوكلاتىدا نۇقتىلىق ھالدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىي، مىللىي ھەم دىنىي بېسىملىرى ھەققىدە توختالغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشكە ئوخشاش ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرى ئۈستىدە دوكلات بەرگەن.
بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئولىمپىك ئالدى كەينىدە ئولىمپىك بىخەتەرلىكىنى باھانە قىلىپ مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنى تۈرمىگە سولىغانلىقى ۋە بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ قاتنىشىشى ۋە مەخسۇس دوكلات بېرىشى بىلەن 19 - ئۆكتەبىر كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ سېندىيىگو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن ئىدى.
رابىيە خانىم بۇ نۆۋەتDavidson ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىلىرىگە قىزىقىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش ھەم بىر قاتار مۇھاكىمە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ.