د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دۆلەت بايرىمىنىڭ ھارپىسىدا رابىيە قادىر خانىمنىڭ سۈرئىتى، خەلق تىياتىرخانىسىنىڭ يان دەرۋازىسىغا تاقاپ قويۇلغان بولۇپ، ۋەقە سادىر بولىشى بىلەن تەڭ ساقچى تارماقلىرى جىددى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، بۇ ھەقتە ئاختۇرۇش ۋە سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى باشلىۋەتكەن.
دىلشات رېشىت ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە ئىشەنچىلىك مەلۇماتقا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، نۆۋەتتە ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق فوتو سۈرەتخانىلار شۇنىڭدەك گۇمانلىق كىشىلەر ئۈستىدىن جىددى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئىستانسىمىز مۇخبىرى، تىياتىرخانىسىنىڭ ئامانلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمىغا ھەمدە خىتايچە " نەنگۇەن " دەپ ئاتىلىدىغان ساقچى پونكىتىدىكى ساقچى خادىملارغا تېلېفون ئۇرۇپ، مەزكۇر ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش جەريانىنى سورىدۇق. ھەر ئىككى كىشى بۇ توغرۇلۇق بىزگە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىدى.